شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

بۇھايات مانا مۇشۇنداقكەن

2020-04-02 11:54:34 -0400 مەزمۇن تۈرى: ئەدەبىي ھىكايە شئېر

مەنچە بولسا ھايات دىگەن ئەنە شۇ


مەنچە بولسا ھايات دىگەن ئەنە شۇ


مۇھەممەتجان راشىدىن



چۈشەندۈر دەپ تۇرىۋالدىڭ ھاياتنى،

نىمە دەيمەن يەنە دىسەم يەنە شۇ.

كەلمىدۇقمۇ ئەتە ئۈچۈن ئاھ چېپىپ،

مەنچە بولسا ھايات دېگەن ئەنە شۇ.



بېسىلمايدۇ ھاياتلىقنىڭ ۋاڭ–چوڭى،

تاپالمايسەن نەدە ئۇنىڭ تەڭپۇڭى،

بىرى خۇشال، بىرىنىڭ بار ھال-مۇڭى،

مەنچە بولسا ھايات دېگەن ئەنە شۇ.



گاھ ئېتىزدا ئارپا بۇغداي تېرىيسەن،

گاھ خاماندا غۇلاچىڭنى كېرىيسەن،

تىرىكچىلىك ھارۋىسىدا قېرىيسەن،

مەنچە بولسا ھايات دېگەن ئەنە شۇ.



ئاھ ئۇرارسەن ئارزۇيۇڭغا يېتەلمەي،

يا ئارزۇنىڭ ئىشىكىدىن كېتەلمەي،

گاڭگىرايسەن بىرنى ئىككى ئېتەلمەي،

مەنچە بولسا ھايات دېگەن ئەنە شۇ.



دۇرۇس تەبىر: ئۆمۈر-ئاتقان ئوق دېگەن،

بۇ ئالەمگە قانغان كىشى يوق دېگەن،

بىرلىرى ئاچ، بىراۋلىرى توق دېگەن،

مەنچە بولسا ھايات دېگەن ئەنە شۇ!



شائىر يازار: ئۇلۇغ ئىنسان ئانا ! دەپ،

ئانا ئۆتەر بۇ دۇنيادىن بالا ! دەپ،

بالا كۆزى تەلمۈرىدۇ دالا دەپ،

مەنچە بولسا ھايات دېگەن ئەنە شۇ !

ئابىدە سالۇندىن ئېلىندى

«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى