شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

ئەخمەقراق بۇلۇڭ

2020-04-14 14:42:21 -0400 مەزمۇن تۈرى: بەس-مۇنازىرە

ئەخمەقرەك بولۇڭ



بۇ جەمئىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن بەزىدە گاس-گاچا بولۇۋېلىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەككەن.

دېيىشكە تېگىشلىك بولمىغان گەپلەرنى دېمەڭ،ئارلىشىشقا تېگىشلىك بولمىغان ئىشلارغا ئارلاشماڭ.

چېقىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان ئادەمنىڭ چىشىغا تەگمەڭ، ئاچچىقلاشقا تېگىشلىك بولمىغان ئىشقا چېچىلىپ يۈرمەڭ.

كۆز قارىغۇ بولىۋالغاندىلا يىغلىمايدۇ، ئېغىزگاچا بولىۋالغاندىلا چاتاق تېرىمايدۇ، ئادەم پەقەت ئەخمەق قىياپىتىگە كىرىۋالغاندىلا يېنىكلەپ قالىدۇ.

ئەخمەق، راستىنلا ئەخمەق ئەمەس، بەلكى ھاماقەتلارچە بىر ئىشلارغا كىرىشىۋالماسلىق. ئەخمەقلىق كېسەل ئەمەس، بەلكى كۆڭلى-كۆكسىنى كەڭ تۇتۇش، ئاداۋەت ساقلىماسلىق.







قائىدىلەرنى بەك چۈشىنىپ كەتمەڭ.

ئىشلارنى بەك ئېنىق قىلىۋەتمەڭ.

قائىدىنى بەك تالىشىپ كەتكەندە ھېسسىياتقا تەسىر يېتىدۇ، ئىشلارنى بەك چۈشىنىپ كەتكەندە يۈرەك ئاغرىيدۇ.

خۇپسەنلىك قىلىش چەكسىز يول قويۇش ياكى چەكسىزكەڭ قورساقلىق قىلىش ئەمەس، بەلكى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇش، ئۆچمەنلىكنى چوڭقۇرلاشتۇرماسلىق، ئىش تاپماسلىق، ئاچچىقلانماسلىق.

خۇپسەنلىك قىلىش قارىماققا ھاماقەتلەردەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە زېرەكلىك، گەپنى كېسىپلا قىلىۋەتمەسلىك، باشقىلارغا ۋە ئۆزىگە قولايلىق يارىتىش، باشقىلارغا يول قويۇپ ئۆزىگە چېكىنىش يولى قالدۇرۇش.

بەك زېرەكلىكنىڭ ياخشى ئىش بولۇشى ناتايىن،قانچە ھېسابلاشقانسىرى شۇنچە چارچايدۇ، قانچە زېرەك بولغانچە شۇنچە تېنچ ئۆتمەيدۇ.بەزى ئىشلارنى كۆڭلىدە بىلسىلا بولدى، سۆزلىسە كىشىنى بىزار قىلىدۇ، ھېسابلىشىپ ئولتۇرسا ئاداۋەت پەيدا بولىدۇ.





يولنى ماڭغاندىلا ئۇزۇن قىسقىلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ، ئۆتكەن ئىشلار خۇشاللىق ۋە بەختنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

بىر ئىشنى چۈشەنگەندە، چوڭ بولىسىز.

تونۇپ يەتكەندە، كاللىڭىز ئېچىلىدۇ.

تېگىگە يەتكەندە، ئەقلىڭىزنى تاپىسىز.

بىر ئىشنى بىلسىڭىز، پىشىپ يېتىلىسىز.

ئاخىرىدا ھەممىگە «بولدىلا» دەيسىز!

شۇڭا ئازراق ئەخمەقرەك بولسىڭىز، ئاددىيلىق ئچىدىن خۇشاللىق تاپىسىز.

كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەڭ ياخشى مەنزىلى: ئەخمەقرەك بولۇش. چوڭ ئىشنى كىچىكلىتىش، كىچىك ئىشنى يوق قىلىش. كىم راست، كىم يالغان، يەنەكىملەر قانداق كۆڭلىڭىزدە بىلىپ قالسىڭىزلا بولدى. بولسا، بولمىسا تالىشىپ يۈرۈشنىڭ ئورنى يوق.







ئابىدە شىركىتى پېلان بۆلۈمى
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى