شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

بالىڭىزغا گەپ قىلغاندا بۇلارغا دىققەت قىلىڭ

2020-04-16 13:27:11 -0400 مەزمۇن تۈرى: بەس-مۇنازىرە
بالىڭىزغا گەپ قىلغاندا بۇلارغا دىققەت قىلىڭ







01

بىر پىسخىكا مەسلىھەتچىسى مۇنداق بىر ۋەقەلىكنى سۆزلەپ ئۆتكەن:

بەش ياشلىق بىر قىز ئاتا-ئانىسىغا گەپ قىلىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قاپتۇ. پەقەت دائىم بىر تال يۇڭدىن ياسالغان يۇمشاق قونچاق ئېيىققا قاراپ ئۆز-ئۆزىگە گەپ قىلىدىكەن. ئاتا-ئانىسى بالىسىنى خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ شۇنداق جىلە بولۇشۇپ كېتىپتۇ. تەرەپ-تەرەپكە قاتراپ دوختۇر ئىزدەپتۇ.

بىرقانچە قېتىملىق پىسخىكىلىق داۋالاشتىن كېيىن قىزچاق مۇنداق بىر ئېغىز گەپنى دېگەندە ئاتا-ئانىسى نەق مەيداندىلا يىغلاپ كېتىپتۇ: «چۈنكى ئويۇنچۇق مېنى تىللىيالمايدۇ.»

ئەسلىدە قىزچاقنىڭ ئاپىسىنىڭ مىجەزى بەك ئىتتىك بولۇپ، دائىم ئۆزىمۇ بىلىپ-بىلمەي بالىغا سۆزلەپ تاشلايدىكەن. ئاشۇنداق جىددى كەيپىياتتا دەپ سالغان ئادەت سۆزلىرى بالىنىڭ قەلبىدە قاتتىق ھەم زەربىلىك تىللاش، ئەيىبلەشكە ئۆزگىرىپ كەتكەن.

«دەرىجىدىن تاشقىرى نۇتۇق سۆزلىگۈچى» دېگەن پروگراممىدا مۇنداق بىر ئېغىز گەپ بار: گەپ سۆزلىرىڭدە مېھىر-مۇھەببەتنى چۈشۈرمىگەن بىلەن غەزەپلەنگەن چىرايىڭ شۇنچە قورقۇنچلۇق. ياۋۇزلۇق تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ.



02

بۇ بەش تۈرلۈك ئادەت سۆزلىرى سىزگىمۇ ناتونۇش ئەمەسقۇ دەيمەن؟

1. بالىنى كونترول قىلىش

گېپىمنى ئوبدان ئاڭلا...../ قۇلىقىڭىنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلا ....

مەن بولمايدۇ دېدىممۇ بولمايدۇ.

ماڭ، ئۇخلا./ ماڭ، بېرىپ تاپشۇرۇق ئىشلە، ھازىرلا ماڭ.

بۇ گەپلەر شۇنچىلىك مۇتتەھەملىك ھەم زوراۋالىققا تولغان سۆزلەر بولۇپ، بالىلارنىڭ /ئوخشىمايدىغان پىكىردە بولۇشىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ تەپەككۇر قىلىشنى مۇتلەق توسىدۇ.

مۇشۇنداق گەپ سۆزلەر ئۇزۇن مەزگىل ئىشلىتىلگەندە، سىزنىڭ ئېرىشىدىغىنىڭىز يا سىزگە ئوخشاش زومىگەر، مۇتتەھەم بالا بولىدۇ، ياكى شۇنداق ئىچ مىجەز، ئاجىز، ئىجتىمائىي ئالاقە قىلىش ئىقتىدارى زىيادە ئاجىز بالا بولىدۇ.

زىيادە پۇختا بوشلۇقسىز ئاتا-بالا مۇھەببىتى بەزىدە بالىغا ئازار بېرىدىغان خەنجەر بولۇپ قالىدۇ.

نېمىشقا ئازراق بولسىمۇ بالىغا ئۆزى خوجا بولغۇدەك پۇرسەت بەرمەيسىز؟

2. بالىنى ئىنكار قىلىش

يىغلاۋەرگەن، نېمىگە يىغلايسەن / يىغلىشىڭغا رۇخسەت يوق! ( بالىنىڭ كەيپىياتىنى ئىنكار قىلىش)

بۇنىڭ قورققۇدەك نېمىسى بار؟ (بالىنىڭ ھېسسىياتىنى ئىنكار قىلىش)

ماڭا تولا ئىش تېپىپ بەرمە.../تولا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرما~ (بالىنىڭ ئىقتىدارىنى ئىنكار قىلىش)

توختىماستىن بالىنى ئىنكار قىلىش بولسا بىر خىل قورقۇنچلۇق پىسخىكىلىق كونترول قىلىشتۇر.

بالا ئەتراپتىكىلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان باھاسىغا تايىنىپ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى تىكلەيدۇ، غورۇرىنى يېتىلدۈرىدۇ ھەمدە ئۆز قىممىتىنى ھېس قىلىدۇ.

يىغلاشقا، ئاچچىقلىنىشقا، مەغلۇب بولۇشقا رۇخسەت قىلىنمىغان، يول قويۇلمىغان بالا ئېغىر دەرىجىدە ئۆزىنى چەكلەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.

كىچىك ۋاقتىدا دائىم ئىنكار قىلىنىپ چوڭ بولغان بالا بىر ئۆمۈر باشقىلارنىڭ كۆزىگە قاراپ، باشقىلارنىڭ ئۆزىنى جەزىملەشتۈرۈشىنى قوغلىشىپ ياشايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

3. بالىنى ئەيىبلەش

سەن نېمانچە دۆت!

سەن قانداقسىگە مۇشۇنىمۇ بىلمەيسەن؟

قارا، مەن ساڭا بۇرۇنلا ئېيتقان......

دائىم ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن مۇشۇنداق ئەيىبلىنىدىغان بالىنىڭ غورۇرى زەربىگە ئۇچراپ، ئۆزىنى راستتىنلا دۆت چاغلايدىغان، ھېچنىمىنى قىلالمايدىكەنمەن دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ ھېچ ئىش قىلىشنى خالىمايدىغان، يېڭىلىققا ئىنتىلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. بىزارلىق پىسخىكىسى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ.

4. بالىدىن ئاغرىنىش

ئەگەر سەن بولمىغان بولساڭ مەن بۇنچە چارچىمىغان بولاتتىم.

سېنى دېمىگەن بولساق ئاللىقاچان ئاجىرشىپ كەتكەن بولاتتۇق.

ئەگەر سەن گەپ ئاڭلىغان بولساڭ ئۆيىمىز بۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالمىغان بولاتتى...

ھەممىگە سەن ئەيىبلىك....

بالا بېقىپ چوڭ قىلىش ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ جىسمانىي كۈچىنى، روھىي زېھنىنى خورىتىدۇ. ھېچكىممۇ كۈندە بالىغا ئىللىق چىراي، خۇشخۇي بولىدىغانغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ.

لېكىن ھەرقانچە ھېرىپ كەتسىڭىزمۇ، كەيپىياتىڭىزنىڭ قانچە ناچار بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر نۇ خىل پاسسىپ ئەھۋالىڭىزنى بالىڭىز ئۈستىگە يۈكلىمەڭ. بالىڭىزدا ئۆزىنى ئەيىبلەيدىغان، ئۆكۈنىدىغان، ئۆزىنى گۇناھكار ھېس قىلىدىغان تۇيغۇ پەيدا قىلىپ قويماڭ.

بولمىسا بالىڭىز دائىم ئۆزىنى ھەر جەھەتتىن چەكلەيدىغان، ئاتا-ئانىسىغا ياخشىچاق بولۇشنىلا ئويلايدىغان، قورقۇنچ ئىچىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ چىرايىغا قاراپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ قالىدۇ. راست شۇنداق بولۇپ قالسا نېمىدېگەن ئېچىنىشلىق ئەھۋال ھە؟!

5. بالىغا تەھدىت سېلىش

يەنە گەپ ئاڭلىمىساڭ سېنى بالا قىلمايمەن!

يەنە مۇشۇنداق قىلساڭ ئاپاڭ ئاچچىقلايدۇ جۇمۇ!

يەنە مۇشۇنداق قىلساڭ سەن بىلەن خوشۇم قالمايدۇ جۇمۇ!

مەن ئۈچكىچە سانايمەن .........

بىر ئانا ماڭا دەرد تۆكۈپ: «بالىنىڭ بەدىنىدە بىر كونۇپكا بولغان بولسا بىرلا بېسىپ قويسا يىغلىمىسا، غەلۋە قىلمىسا، ئادەمنى بىزار قىلمىسا نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى ھە!» دەيدۇ.

بۇ پەقەتلا بىر ماشىنا ئادەم، بىزنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى تولۇپ تاشقان، گۆدەك، سەبىي، شوخ بالىمىز ئەمەس.

ئەگەر بالىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولغاندىلا كۈلۈپ ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ئىپادىسى ياخشى بولمىغاندا سوغۇق مۇئامىلە قىلغاندا بالىدا بىر خىل ۋەھىمە پەيدا بولۇپ قالىدۇ: مەن گەپ ئاڭلىسام، ئاتا-ئانام ئاندىن مېنى ياخشى كۆرىدىكەن؛ ئەگەر گەپ ئاڭلىمىسام مېنى تاشلىۋېتىدىكەن.

بۇ خىل ۋەھىمە بالىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا زور بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ.


03

مەلۇم تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ياش-ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنىڭ %40 دىن كۆپرەكى ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزلىرىدىن ئازار يېگەنلەر ئىكەن.

«گەپ-سۆز زوراۋانلىقى قانچىلىك زىيان يەتكۈزەلەيدۇ» ناملىق تەربىيەۋى قىسقا فىلىم ئادەمنى ھەقىقەتەن چۆچۈتىدۇ.



رەسىم مەنبەسى: «گەپ-سۆز زوراۋانلىقنىڭ زىيىنى»

قاماقخانىدىكى 6 نەپەر ئۆسمۈر جىنايەتچى ئۆزىنىڭ ھىكايىسىنى سۆزلەپ مۇنۇلارنى دەيدۇ:

[ مېنىڭ ئاتا-ئانام مەن 12 ياش ۋاقتىمدىلا ئاجىرىشىپ كەتكەن. ئانام دائىم مېنى تىللايتتى. دائىم مېنى ئۆلمەيدىغان دەيتتى.]

[ مېنى كارغا كەلمەيدىغان، كېرەكسىز دەيتتى.]

[ مېنى ئەزەلدىن ماختاپ باقمىغان. مېنى تىللىغاندا كۆپىنچە قاپاق كاللا دەپ تىللايتتى.]

ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ھەممىدىن غەش قىلغىنى، ئۇلارنى ھەممىدىن چوڭقۇر ئازابقا سالغان سۆزلەر بولسا: قاپاق كاللا، كارغا كەلمەس، يېيىشنىلا بىلگەن، يۈزىنى تۆككەن، ئادەمنىڭ ھەممىسى سەندىن ياخشىراق، نېمىشقىمۇ ئۆلمەيدىغانسەن!

ئەڭ ئاخىرىدا بۇ سۆزلەر بالىلارنىڭ جىنايەت سادىر قىلىشىدىكى ھەرخىل قوراللارغا ئايلانغان.

بالىلىق مەزگىلىدە ئۇچرىغان روھىي جەھەتتىكى خورلۇق بالىلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىدىكى مۇھىم سەۋەبتۇر. بۇ قىسقا فىلىمنىڭ خۇلاسىىسى ھەقىقەتەن ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.

ئاتا-ئانىنىڭ پوزىتسىيە ئىچىگە بالىنىڭ كېلەچىكى، ئىستىقبالى يوشۇرۇنغان بولىدۇ.

04

ئاشۇ پاسسىپ كەيپىيات، ھېسىىيات ۋە ئەسلىمىلەرنىڭ تەسىرى ئاكتىپ تەرەپتىكىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.

ئالىملارنى بايقىشىچە، ئىنكاس قوزغاش خاراكتېرلىك گەپ-سۆز ئازابى يېتىلىۋاتقان چوڭ مېڭىدا قىسمەن مەڭگۈلۈك ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدىكەن. گەپ-سۆز زوراۋانلىقى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئازاب ۋە جاراھەتنى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدىكەن. چۈنكى بۇنىڭ خاتىرىسى بەدەندە ساقلىنىپ قالىدىكەن.

ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇنداق جاراھەت پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى ئۇنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويماسلىق.

مائارىپشۇناس يەنيۈەن ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: بالىنىڭ 10 ئەيىبىنى ساناپ بەرگەندىن بىر ئارتۇقچىلىقىنى ماختىغىنىڭ ئەۋزەلدۇر.

مۇنۇ بالىلار ئاڭلاشنى ياقتۇرىدىغان ئادەت سۆزلىرىنى ئاتا-ئانىلار دائىم دەپ بەرسە پايدىسىنى كۆرىدۇ.



بالىنى ئىلھاملاندۇرۇش

ئۆزۈڭگە ئىشەن، سەن قىلالايسەن!

سىناپ باقمامسەن، ئۇتساڭ ئۇتمىساڭ بەرىبىر، ھېچقىسى يوق!

كۆپرەك مەشىق قىلساڭ تېخىمۇ ياخشى قىلالايسەن!

ئاتا-ئانىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئەڭ زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. بۇ بالىنىڭ تېخىمۇ ئۈمىدۋار، ئاكتىپ، ئىنتىلىشچان، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان خاراكتېرىنى يېتىلدۈرىدۇ.

بالىنى ھۆرمەتلەش

سەن ئويلىشىپ بولغان بولساڭ، ئاتا-ئاناڭ سېنى قوللايدۇ!

بىز سېنى ھۆرمەتلەيمىز.

سېنىڭ قانداق ئويلىغىنىڭىنى ئاڭلاپ باققۇم بار.

بالا چوڭ بولغانسېرى باشقىلارنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىشنى ياقتۇرمايدۇ. شۇڭا بالىنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگىنىش كېرەك. بالىغا مۇۋاپىق ئەركىنلىك بېرىشمۇ بىر خىل زامانىۋى بالا تەربىيەلەش پاراسەتلىرىدىن بىرىدۇر.

بالا بىلەن ئوخشاش ھېسسىياتتا بولۇپ ئويلاش

بۇ قېتىم ياخشى قىلالماي ئۆزۈڭمۇ بىئارام بولغانسەن؟

سېنىڭ ھېسسىياتىڭنى چۈشىنىمەن. مېنىڭمۇ بېشىمدىن ئۆتكەن.

ئەگەر يىغلىغۇڭ كەلگەن بولسا، سىقىلماي بىردەم يىغلىۋالغىن!

كۆپرەك بالىنىڭ ھال-ئەھۋالنى ھېس قىلىپ، ھېسسىياتى ۋە كەيپىياتىنى چۈشىنىپ ئورتاقلاشقاندا ئاتا-ئانا بىلەن بالىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنى تېخىمۇ كۈچەيتكىلى، قويۇقلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

بالىغا تاللاش ۋە قارار قىلىش ھوقۇقىنى تاپشۇرۇش

بۇ ئىشنى ئۆزۈڭ قارار قىلغىن!

سەن بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۆزۈڭ تاللىغىن.

بالا ئاتا-ئانىسىنىڭ قارارىغا بويسۇنۇشنى خالىمىغاندا بالىغا كۆپرەك تاللاش يولى بەرگەندە تىركىشپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

بالىغا ئادىل، ھەققانىي پىكىر-تەكلىپلەرنى بېرىش

يىغلاپ جىدەل قىلغانغا مەسىلە ھەل بولمايدۇ. مېنى يوللۇق سەۋەب بىلەن قايىل قىلىشىڭ كېرەك.

سېنى ياخشى كۆرىمەن. لېكىن سېنىڭ بۇنداق قىلىشىڭىنى ياقتۇرمايمەن.

ئەگەر يەنە تېخىمۇ سەۋر-تاقەتلىك بولساڭ، ئىشىنىمەن، چوقۇم ياخشى قىلالايسەن!

بالىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن ئاندىن ئۆز پىكىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويسىىڭىز بالا تېخىمۇ ئاسانراق قوبۇل قىلىدۇ.

ئائىلە تەربىيسىنىڭ مەقسىتى ھەرگىزمۇ بالىنى كەم-كۈتىسىز قىلىش ئەمەس، بەلكى بالىنىڭ ھەقىقىي ئۆزى بولۇشقا يېتەكلەشتۇر.
«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
----Comments(1)----
弓箭 at 2020-04-17 08:06:
ياخشى مەزمۇنكەن ،داۋاملىق تۈردە يېڭى مەزمۇنلارنى يوللاپ تۇراسىز
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى