شوخ ناخشا بېسىڭ |
    |
ئىلان ئۇرنى ھەر ۋاقىت ئېلان قۇبۇل قىلدۇ TEL:13779765476

ھېكىمتى

2020-05-06 00:06:13 -0400 مەزمۇن تۈرى: بەس-مۇنازىرە
دادىسى ئوغلىغا «مەن ساڭا خوتۇن ئېلىپ بېرىمەن» دېدى. ئوغلى «مەن ئۆزۈم ئىزدەيمەن» دېدى. دادىسى «لېكىن بۇ قىز باينىڭ قىزى» دېدى، ئوغلى «ئۇنداق بولسا بولىدۇ» دېدى.

ئاندىن دادىسى باينى تېپىپ «قىزىڭىزغا بىر ئەر تېپىپ كەلدىم» دېدى. باي «بولمايدۇ، قىزىم تېخى كىچىك!» دېدى، دادىسى بۇ يىگىتنىڭ دۇنيا بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. باي «ئۇنداقتا بولىدۇ!» دېدى.

ئەڭ ئاخىرىدا دادىسى دۇنيا بانكىسىنىڭ لىدىرى بىلەن كۆرۈشۈپ: «مەن سىزگە مۇئاۋىن لىدىردىن بىرنى تەۋسىيە قىلاي!» دېدى. باش لىدىر «مۇئاۋىن لىدىر شۇنچە كۆپ تۇرسا، ماڭا كېرەك ئەمەس» دېدى، دادىسى بۇ يىگىتنىڭ باينىڭ كۈيئوغلى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. باش لىدىر مۇنداق دېدى: «ئۇنداق بولسا بولىدۇ!»

ئۇچۇر سىممېترىك ئەمەس، سودا مۇشۇنداق شەكىللەنگەن.



2

بىر مال ساتقۇچى، بىر ئىش بېجىرگۈچى ۋە ئۇلارنىڭ دىرېكتورى چۈشلۈك تاماققا پىيادە كېتىۋېتىپ، بىر قەدىمىي جىن چىراغنى بايقىدى.

ئۇلار جىن چىراغنى سۈرتىۋېدى بىر پېرخون سەكرەپ چىقتى ۋە «مەن سىلەرنىڭ ھەربىرىڭلارنىڭ بىردىن ئارزۇسىنى قاندۇرالايمەن» دېدى.

ـ مەن ئاۋۋال! مەن ئاۋۋال! ـ دېدى ئىش بېجىرگۈچى: مېنىڭ باخاما تاقىم ئاراللىرىغا بېرىپ كاتېر ھەيدەپ ئوينىغۇم بار.

شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇچۇپ كەتتى.

ـ ماڭا كەلدى! ماڭا كەلدى! ـ دېدى مال ساتقۇچى: مېنىڭ ھاۋايغا بېرىپ، دېڭىز ساھىلىدا يېتىپ، مۇزلىتىلغان رام ھارىقى ئىچكۈم بار.

ئۇمۇ ئۇچۇپ كەتتى.

ـ ساڭا كەلدى ـ دېدى پېرخون دېرىكتورغا. دىرېكتور: «ئۇ ئىككى كالۋا چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن دەرھال قايتىپ كېلىپ خىزمەت قىلسۇن» دەپ جاۋاب بەردى.

ئېسىڭىزدە بولسۇن، ھەر قانداق ۋاقىتتا خوجايىنىڭىز ئاۋۋال ئېغىز ئاچسۇن.



3

بىر كەپتەر ئېگىز دەرەختە ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىپ ھېچ ئىش قىلمىدى.

بىر كىچىك توشقان كەپتەرنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن: «مەنمۇ ساڭا ئوخشاش ھېچنېمە قىلماي ئولتۇرالامدىم» دەپ سورىدى.

كەپتەر: «بولىدۇ، نېمىشقا بولمايدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

شۇنىڭ بىلەن توشقان كەپتەرنىڭ ئاستىدىكى يەردە ئولتۇرۇپ ئارام ئالدى. تۇيۇقسىز بىر تۈلكە پەيدا بولدى، ئۇ ئېتىلىپ بېرىپ ئۇنى يەۋەتتى.

بىكار ئولتۇرماقچى بولسىڭىز، چوقۇم ئىنتايىن ئېگىز ئورۇندا ئولتۇرۇشىڭىز كېرەك.



4

بىر قۇش جەنۇبقا بېرىپ قىشنى ئۆتكۈزمەكچى بولدى. ھاۋا ھەقىقەتەن سوغۇق بولۇپ، ئۇ توڭلاپ قېتىپ قېلىپ، ئېتىزلىققا چۈشۈپ كەتتى.

ئۇ ئۇ يەردە ياتقاندا، بىر ئىنەك كېلىپ ئۇنىڭ بەدىنىگە بىر دۆۋە قىغ سالدى. توڭلاپ قېتىپ قالغان قۇش گەندە دۆۋىسىدە يېتىپ، ئىللىقلىق ھېس قىلىشقا باشلىدى. كالا تېزىكى ھەقىقەتەن ئۇنى ئىسسىتتى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىللىق كالا تېزىكىدە يېتىپ ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، ناخشا ئېيتىشقا باشلىدى.

بىر يولدىن ئۆتكەن مۈشۈك قۇشنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ يېتىپ كەلدى. ئاۋاز ئارقىلىق كالا تېزىكى ئاستىدىكى كىچىك قۇشنى بايقىدى ھەمدە ئۇنى سۆرەپ چىقىپ يەۋەتتى.

بەدىنىڭىزگە تەرەت قىلغاننىڭ ھەممىسى سىزنىڭ دۈشمىنىڭىز ئەمەس، سىزنى گەندە دۆۋىسىدىن سۆرەپ چىقارغاننىڭ ھەممىسى سىزنىڭ دوستىڭىز ئەمەس، قىيىنچىلىقتا قالغاندا ئەڭ ياخشىسى ئاغزىڭىزنى يۇمۇڭ.



5

بىر ئەر ئايالى يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن مۇنچىغا كىرىپ يۇيۇندى. بۇ چاغدا ئىشىك قوڭغۇرىقى جىرىڭلىدى. ئايالى دەرھال مۇنچا لۆڭگىسى بىلەن ئىشىك ئالدىغا كەلدى.

ئۇ ئىشىكنى ئاچقاندا، قوشنىسى بوب ئۇ يەردە تۇراتتى. ئۇ ئېغىز ئېچىشتىن بۇرۇن، بوب: «ئەگەر سىز مۇنچا لۆڭگىسىنى ئېلىۋەتسىڭىز، مەن سىزگە 800 ئامېرىكا دوللىرى بېرىمەن» دېدى.

بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن، بۇ ئايال مۇنچا لۆڭگىسىنى ئېلىپ بوبنىڭ ئالدىدا قىپيالىڭاچ تۇردى.

بىر نەچچە سېكۇنتتىن كېيىن، بوب ئۇنىڭغا 800 ئامېرىكا دوللىرىنى بېرىپ كېتىپ قالدى. ئايال مۇنچا لۆڭگىسىنى قايتىدىن ئوراپ ئۆيگە قايتىپ كىردى.

ئۇ مۇنچىغا كىرگەندە، ئېرى ئۇنىڭدىن: «كىم ئىكەن؟» دەپ سورىدى.

ئۇ «قوشنىمىز بوب» دەپ جاۋاب بەردى.

ـ ھە، ـ دېدى ئېرى، ـ ئۇ ماڭا يەنە 800 ئامېرىكا دوللىرى قەرز ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدىمۇ؟

جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولغان پايچېكلار بىلەن مۇھىم ئۇچۇرلاردىن بەھرىمەن بولسا، ھاجىتى يوق ئاشكارىلىنىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

6

بىرەيلەن بىر بوران-چاپقۇنلۇق كېچىدە ماشىنا ھەيدەپ بىر بېكەتتىن ئۆتتى.

ئۈچ ئادەم تىت-تىت بولۇپ بېكەتتە ئاممىۋى ئاپتوبۇس ساقلاۋاتاتتى. بىرى ئۆلۈم ئالدىدا تۇرغان بوۋاي، ئۇ دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىشى كېرەك؛ بىرى دوختۇر، ئۇنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇپ قالغان، چۈشىدىمۇ شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرۇشنى ئويلايدىغان ئادەم؛ يەنە بىرى بىر ئايال، ئۇ چۈشىدىمۇ توي قىلىشنى ئويلايدىغان ئادەم، بەلكىم قولدىن كەتكۈزۈپ قويسىلا يوق بولۇشى مۇمكىن.

لېكىن ئۇنىڭ ماشىنىسىدا پەقەت بىرلا ئادەم ئولتۇرغىلى بولاتتى، سىز بولسىڭىز قانداق تاللايسىز؟

مەن بۇنىڭ خاراكتېر سىنىقى ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمەيمەن، چۈنكى ھەربىر جاۋابنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق سەۋەبى بار.

بوۋاي ئۆلەي دەپ قالدى، سىز ئاۋۋال ئۇنى قۇتقۇزۇشىڭىز كېرەك.

سىزمۇ ئۇ دوختۇرنى ماشىنىغا چىقارماقچى، چۈنكى ئۇ سىزنى قۇتقۇزۇپ قالغان، بۇ بىر ياخشى پۇرسەت.

يەنە بىرى سىزنىڭ چۈشىڭىزدىكى ئاشىقىڭىز. بۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويسىڭىز سىز بەلكىم مەڭگۈ سىزنى بۇنداق ھاياجانغا سالىدىغان ئادەمنى ئۇچرىتالماسلىقىڭىز مۇمكىن.

200 دىن ئارتۇق ئادەم ئىچىدە، پەقەت بىرلا ئادەم قوبۇل قىلىندى، ئۇ ئۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىدى، ئۇ پەقەت مۇنداق دېدى: «دوختۇرغا ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى بېرىمەن، ئۇ بوۋاينى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارسۇن، مەن قېلىپ چۈشۈمدىكى ئاشىقىم بىلەن بىللە ئاممىۋى ئاپتوبۇسنى ساقلايمەن».

ئەگەر بىز بەزى تار نۇقتىلاردىن ۋە بەزى ئەۋزەللىكلەردىن ۋاز كەچسەك، تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرگە ئېرىشىشىمىز مۇمكىن.



7

ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى ئىنسانلار يالاڭ ئاياغ ماڭاتتى.

بىر پادىشاھ مەلۇم يېزىغا بېرىپ ساياھەت قىلدى، يول يۈزى ئەگرى-بۈگرى بولغاچقا، نۇرغۇن تاش پارچىلىرى ئۇنىڭ پۇتىغا سانجىلىپ كەتتى. ئوردىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق يوللارغا بىر قەۋەت كالا تېرىسى ياتقۇزۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. ئۇ بۇنداق قىلىش ئۆزى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى خەلققە بەخت ئېلىپ كېلىدۇ، كۆپچىلىك يول ماڭغاندا ئازاب-ئوقۇبەت تارتمايدۇ، دەپ قارىدى.



ئەمما، دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق كالىلارنى ئۆلتۈرۈپ تۈگەتكەن تەقدىردىمۇ، يېتەرلىك كۆن-خۇرۇم توپلىغىلى بولمايدۇ، سەرپ قىلىنغان پۇل، ئادەم كۈچىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ.
گەرچە زادىلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدىغان ئىش، ھەتتا خېلىلا ئەخمەقلىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇ پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بولغاچقا، كۆپچىلىك بېشىنى چايقاپ ئۇھ تارتتى.
بىر ئەقىللىق قۇل يۈرەكلىك ھالدا پادىشاھقا: «ئى پادىشاھ ! سىز نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ كالىنى قۇربان قىلىپ، شۇنچە كۆپ پۇل سەرپ قىلىسىز؟ سىز نېمىشقا ئىككى پارچە كالا تېرىسى بىلەن پۇتىڭىزنى ئورىۋالمايسىز؟» دېدى.
پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى ھەيران قالدى، ئەمما شۇ ھامان بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلدى.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مانا بۇ «خۇرۇم ئاياغ» نىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ئىكەن.
دۇنيانى ئۆزگەرتىش بەك تەس؛ ئۆزىنى ئۆزگەرتىش بىر قەدەر ئاسان. دۇنيانى ئۆزگەرتكەندىن كۆرە، ئاۋۋال ئۆزىنى ئۆزگەرتكەن ياخشى.





«Newer      Older»
بۇ ئىلان ئۇرنى  سىزگە ئۇچۇق ھازىرچە قۇرۇق
Comment:
Name:
ئىلان ئۇرنى ئېلان قۇبۇل قىلدۇ:ئۈنىداردا:1741897262
Back to home





يىڭىلىقلار | ئەگىشىش | باشقۇرۇش | ياردەم | EN

ئۇسلۇپ ئۇزلەشتۇرگۇچى بەس بەس مۇنازىرە بلوگى
QQ:1741897262
Copyright © 2015-2020 بەس بەس مۇنازىرە تورى